خىتاي تارىم نېفىتلىكىنىڭ بايلىقىنى زور كۈچ بىلەن بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 15- مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي نېفىت خىمىيە سانائىتى غەربىي شىمال نېفىتلىكى 14 -مارت تارىم ئويمانلىقىغا جايلاشقان شۇنبېي X42 قۇدۇقىدا كۈنىگە 1000 توننىغا يېقىن سانائەت نېفىت-تەبىئىي گاز ئېقىمى چىقىپ، مەزكۇر نېفىتلىكتىكى كۈندىلىك نېفىت-تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى قۇدۇققا ئايلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە، شۇنبېي 42X قۇدۇقى يېقىندا كىسلاتا بېسىمى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى سىناق ئارقىلىق يۇقىرى مەھسۇلاتلىق سانائەت نېفىت-تەبىئىي گاز ئېقىمىغا ئېرىشكەن بولۇپ، كۈندىلىك تەبىئىي گاز ۋە خام نېفىت مەھسۇلات مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 822 مىڭ كۇب مېتىر، 300 توننا بولۇپ، نېفىت-تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى 1000 توننىغا يېقىنلاشقان. 

مەلۇم بولۇشىچە، شۇنبېي نېفىت-گازلىقى ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىم، ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، زاپاس قاتلىمىنىڭ ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 7300 مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى كۆمۈلۈش چوڭقۇرلۇقى ئەڭ چوڭقۇر نېفىت-گازلىقىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.
يېقىنقى يىللاردا تارىم دەرياسى نېفىتلىكى، شۇنبېي نېفىت-گازلىقىدىن ئىبارەت بىر مىليارد توننا دەرىجىلىك ئىككى كاربوناتلىق نېفىت-گازلىق بايقالغان. ھازىرغىچە غەربىي شىمال نېفىتلىكى تارىم ئويمانلىقىدا جەمئىي چارلاپ ئېنىقلىغان نېفىت زاپىسى 1 مىليارد 500 مىليون توننىغا، تەبىئىي گاز گېئولوگىيەلىك زاپىسى 74 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئون چوڭ نېفىتلىكنىڭ بىرى بولۇپ قالغان.
يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا نېفىت-تەبىئىي گاز زاپىسى داۋاملىق يېڭىدىن بايقىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي بۇلاڭ-تالاڭ قىلمىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 1343 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق