خىتاي بۇلتۇر شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلغان

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16- مارتتىكى خەۋىرىدە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ يىللىق خىزمەت دوكلاتى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دوكلاتتا بۇلتۇر «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ 3 مىليون 154 مىڭ 700 ئادەم قېتىمغا يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان.
خەۋەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نامىدا شەرقىي تۈركىستان بويىچە شەھەر-بازارلاردىن يېڭىدىن 461 مىڭ 100 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، يېزىلاردىكى «ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا 3 مىليون 154 مىڭ 700 ئادەم قېتىمدىن كۆپرەك باشقا يۇرتقا يۆتكىگەنلىكى، پىلاننىڭ ئاشۇرۇپ ئورۇنلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمىنىڭ ئالدىنقى يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىسىنى شالاڭلاشتۇرۇش، ئائىلىلەرنى پارچىلاش يوقىتىشتەك رەزىل پىلانىغا ئاساسەن، ئاتالمىش «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلغانلىقىنى، مەزكۇر دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ خىتايغا سۈرگۈن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

 

بۇ خەۋەر 1363 قېتىم كۆرۈلدى
18/03/2021 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق