ئامېرىكا-ياپونىيە سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا-ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى 16-مارت ياپونىيەنىڭ توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، سۆھبەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىنغا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توشىمىتسۇ موتېگى قاتارلىقلار قاتناشقان. ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدىن كېيىن بىرلەشمە ھۆججەت تارقىتىلغان بولۇپ، ھۆججەتتە خىتاينىڭ خەلقئارا تەرتىپكە قارشى ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بىرلەشمە ھۆججەتتە يەنە ياپونىيەنىڭ ئوكىناۋا ۋىلايىتىدىكى سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ «ئامېرىكا-ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسى»نىڭ 5-ماددىسى دائىرىسىدە ئىكەنلىكى، ياپونىيەنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتكە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەن.
ھۆججەتتە يەنە ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىملىقى تەكىتلىنىپ: «ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشنى قارار قىلدى» دېيىلگەن.
ھۆججەتتە يەنە ئىككى تەرەپنىڭ خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، شىمالى كورىيەنى پۈتۈنلەي يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسى، ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش مەسىلىسىنى دەرھال ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى قاتارلىق نۇقتىلار تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 16-مارت خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ياپونىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى رايونلار ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىنچلىققا تۆھپە قوشۇشى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولۇشى كېرەك، ئۈچىنچى دۆلەتنى نىشان قىلىپ، ئۇنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزمەسلىكى كېرەك» دېگەن.

بۇ خەۋەر 968 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2021 13:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق