بايبۇرۇتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلاندى

كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ بايبۇرت ۋىلايەتلىك شۆبىسى 14-مارت ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلاپ، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.
كېلەچەك پارتىيەسى بايبۇرت شۆبىسىنىڭ رەئىسى نازىر گۈلەر بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەر ھەققىدە توختىلىپ: «بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىجرا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قۇل قىلىش سىياسىتىگە قارشى قولىمىزدىن كېلىدىغان ئەڭ ياخشى ياردەمنى قىلىشنى خالايمىز. كېلەچەك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، پارتىيە رەھبەرلىرىمىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا يۇقىرىدىن بايانات ئېلان قىلغاندا، بىزمۇ بايبۇرتتا ئۇيغۇرلارنى قوللاشنى ئويلىدۇق. بايبۇرتتىكى خەلقىمىزمۇ بىز باشلىغان بۇ خىزمەتكە تولىمۇ قىزغىن ۋە سەمىمىي مۇئامىلە قىلدى. بىز ئۇلارنىڭ بۇ مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلىگە قىزغىنلىق بىلەن سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
گۈلەر سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەتنىڭ كەمچىللىكىگە قارىتا مۇنداق دېدى: «قانداقلا بولمىسۇن، خىزمىتىمىزنىڭ يېتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلىمىز. تولىمۇ ئەپسۇسكى، باشقا دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقانلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلىۋاتقاندا، تۈركىيەدىكى كۈچلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر قەدەم باسمايۋاتىدۇ. تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۇنۇلغان تەكشۈرۈش تەكلىپلىرى ئاق پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ بېلەت تاشلىشى بىلەن رەت قىلىندى. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقىرىدىن رەسمىي بىر ئاۋازدا خىتايغا ئۇچۇر بېرىلىشى كېرەك، ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىدا تۇرۇشىمىز كېرەك».

بۇ خەۋەر 888 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2021 12:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق