خىتايغا بارىدىغانلارغا شەرت: خىتاي ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىش كېرەك

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە چەت ئەلدىن كەلگەن بىر قىسىم ساياھەتچىلەرگە ئىشىكىنى ئېچىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما ساياھەتچىلەرگە ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم خىتاي ياسىغان ۋاكسىنىنى ئەملىتىشنى شەرت قىلغان.
خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئورگان تورىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «2021-يىلى 15-مارتتىن باشلاپ، خىتايدا ياسالغان كورونا ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنى ئەملەتكەن ۋە سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋاكسىنا گۇۋاھنامىسىنى ئالغان كىشىلەر خىتايغا ۋىزا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ» دېگەن.
باياناتتا يەنە ۋىزا ئىلتىماسى سۇنسا بولىدىغان كىشىلەرگە قويۇلغان شەرتمۇ ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ۋىزا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ چوقۇم خىتاي ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكا، ئىتالىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئەلچىخانىلىرىمۇ ئوخشاش باياناتنى ئورتاقلاشقان. ھالبۇكى، نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىكى تېخى خىتاي ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىلارنى تەستىقلىمىغان.

بۇ خەۋەر 917 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2021 12:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق