ئامېرىكا خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ يېڭى قارا تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ خوڭكوڭ سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى سەۋەبلىك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جازا يۈرگۈزۈلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي ئاسىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 16-مارت كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، خوڭكوڭ ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئاساسەن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ چوقۇم پارلامېنتقا قەرەللىك ھالدا خىتاينىڭ خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسى ۋە خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان چەتئەل ئەمەلدارلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالغان.
ئۇ باياناتىدا يەنە: «بۈگۈن يېڭىلانغان تىزىملىككە ئاساسەن، 14 خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 24 ئەمەلدار ئەمەلدار جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە خوڭكوڭ بىخەتەرلىك باشقارمىسى ئەمەلدارى، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق بىخەتەرلىك ئىش بېجىرىش ئىشخانا ئەمەلدارلىرى بار. يۇقىرىقى ئەمەلدارلار بىلەن قەستەن پۇل-مۇئامىلە ئالاقىسىدە بولغان ھەر قانداق چەت ئەل پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىمۇ ئوخشاشلا جازالىنىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە. يېقىندا خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خوڭكوڭ سايلام قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىمۇ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپ بولسا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىنى رەت قىلىپ: «خوڭكوڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1016 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2021 12:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق