خىتاي سىگنال ئەپ دېتالىنىمۇ چەكلىدى

يېقىنقى مەزگىللەردە ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن پاراڭلىشىش ئەپ دېتالى «سىگنال»مۇ خىتاينىڭ چەكلىمىسىدىن قۇتۇلالمىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 16-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ تور نازارىتىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تور بېكىتى «Greatfire.org» سىگنال ئەپ دېتالىنىڭ 15-مارتتىن باشلاپ خىتايدا چەكلەنگەنلىكىنى، ئەمما خىتايدىكى ئالما ئەپ بازىرىدىن تېخى ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئەمما سىگنال بۇ ھەقتە ھازىرچە ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
خىتاينىڭ قاتتىق تور نازارەت سىستېمىسى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتكە مەلۇم بولۇپ، خىتاينىڭ كونترول قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە تورى، ئەپ دېتاللىرى ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىپ كەلگەن.
بىلدۈرۈشىچە، سىگنال 2014-يىلى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تولۇق مەخپىيلەشتۈرۈلگەن ئاۋازلىق ۋە سىنلىق ئۇچۇر ئىقتىدارى سەۋەبلىك، مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن «ئەپ بازىرىدىكى ئەڭ بىخەتەر ئەپ دېتالىنىڭ بىرى» دەپ قارالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئەپ خىتايدىكى 510 مىڭغا يېقىن ئالما يانفونى ۋە تاختا كومپيۇتېرلىرىغا قاچىلانغان. دۇنيا مىقياسىدا، سىگنالنىڭ ئالما ۋە گۇگېل ئەپ بازىرىدىكى ئومۇمىي چۈشۈرۈش مىقدارى 100 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
سىگنال ئىلگىرى ناھايىتى ئاز ساندىكى ئابۇنىتلار ئىشلىتىدىغان ئەپ بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدا سىگنالنىڭ رىقابەتچىسى ۋاتسئەپنىڭ ئۆزىنىڭ مەركىزى شىركىتى فېيسبۇك بىلەن سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھرىلەش قارارى ئابۇنىتلارنى غەزەپلەندۈرۈپ، ئىناۋىتىگە تەسىر يەتكەندىن كېيىن، سىگنال قايتىدىن ئالقىشقا ئېرىشكەن. نۆۋەتتە سىگنال ھىندىستان، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەت ۋە رايونلاردا ئەڭ كۆپ چۈشۈرۈلگەن ئەپلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ خەۋەر 856 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2021 12:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق