ئەھمەدى نىجاد: خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سادىر قىلىۋاتىدۇ

ئىراننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئەھمەدى نىجاد خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ بولسا بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئەھمەدى نىجادنىڭ رەسمىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرلار ھەققىدىمۇ توختالغان.
ئەھمەدى نىجاد خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ۋە ئىراننىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ: «ھازىر ئاسىيانىڭ مەركىزىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ھوقۇق ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىنماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ نەسەبىنى يوقىتىش ئۈچۈن بالىلار ۋە ئاياللارغا ھەر خىل زۇلۇملارنى قىلىۋاتىدۇ. ئىنسان بۇنى تىلغا ئېلىشتىن نومۇس قىلىدۇ. ئۇلار بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قالىمىز، ھېچقاچان سوراققا تارتىلمايمىز، دەپ ئويلاۋاتىدۇ» دېگەن.
ئەھمەدى نىجاد تېھران ھۆكۈمىتىدىن خىتايغا قارشى تۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ: «قىزىق يېرى شۇكى، بىز ئۆز دۆلىتىمىزدە ئۆزىمىزنى مۇسۇلمان، زۇلۇمغا ۋە تەكەببۇرلۇققا قارشى تۇرىمىز، دەپ دەۋا قىلىمىز. نېمىشقا بۇ ئەھۋالغا سۈكۈت قىلىپ تۇردۇق؟ ئۇيەردە زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ، جىنايەت ئىشلىنىۋاتىدۇ، بۇ يەردە بولسا سۈكۈت قىلىنىۋاتىدۇ. نېمىشقا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرمەيسىلەر؟» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 956 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2021 12:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق