خىتاي ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاينى جازالىماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرغان.
ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك، خىتاينىڭ تۆت ئەمەلدارى ۋە بىر ئورگىنىغا جازا يۈرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ مىڭ سەيشەنبە ياۋروپا سىياسەت مەركىزى ساھىبخانلىق قىلغان «60 مىنۇتلۇق دوكلات بېرىش» تور مۇھاكىمە يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر پىلانىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
جاڭ مىڭ سۆزىدە: «بىز قارشىلىشىشنى ئەمەس، سۆھبەتلىشىشنى خالايمىز، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەسىلىسىدە قايتا ئويلىنىپ بېقىشى كېرەك. ئەگەر بىرەرسى قارشىلىشىشتا چىڭ تۇرسا، بىز بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايمىز» دەپ تەھدىت سالغان.
جاڭ مىڭ سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ: «شىنجاڭدىكى كەسپىي تەربىيەلەش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش خىزمىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەجرىبىسىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا داۋام قىلىۋاتىدۇ. جازا لاگېرلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى بىر قىسىم يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ خىتايغا قارشى توقۇپ چىققان سىياسىي تەشۋىقاتى» دەپ بىلجىرلىغان.
جاڭ مىڭ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى 12-ئايدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ياكى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى سىياسىيلاشتۇرماسلىق كېرەك» دېگەن.
يېقىندا ئاشكارىلانغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كېلىشىم ياۋروپالىقلارنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرى ۋە ئويۇن-تاماشا شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىكەن، ئەمما خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپا تاراتقۇلىرى ۋە كۆڭۈل ئېچىش شىركەتلىرىگە مەبلەغ سېلىشىنى چەكلىمەيدىكەن. بۇ سەۋەبلىك بۇ كېلىشىم تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

بۇ خەۋەر 784 قېتىم كۆرۈلدى
17/03/2021 11:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق