ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۇنجى قېتىملىق چەت ئەل زىيارىتىدە ياپونىيەنى تاللىدى

ب ب س نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن (Antony Blinken) بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن (Llyod Austin) ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئاسىيا زىيارىتىنى ياپونىيەدىن باشلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ زىيارەتتە ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزگىچە زىيارەت پىلانى بار بولسىمۇ، ئەمما بىرىنچى بېكەت ياپونىيە بولغان. ئىككىسى بىرلىكتە بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ياپونىيە-ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى (SCC) يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. بىلىنكېن ئارقىدىن يەنە ياپونىيە باش مىنىستىرى يوشىخىدې سۇگا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توشىمىتسۇ موتېگى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبۇ كىشى ۋە سودا-سانائەتچىلەر بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە ئاۋسترالىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەت رەھبەرلىرى ئالدىنقى ھەپتە تۆت تەرەپ بىخەتەرلىك دىيالوگى باشلىقلار يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، شۇنداقلا تور ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىش تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ رايوندىكى خىرىسلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.
سىنگاپور دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتى لى گۇاڭياۋ ئاممىۋى سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى درېۋ تومپسون(Drew Thompason) ب ب س مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ، ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى زىيارەت قىلىشىنىڭ خىتايغا بەرگەن مۇھىم سىگنال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئىكەن. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئەندىشىسىنى ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىغا كىرگۈزۈپ، بۇ رايوننىڭ بارلىق ئىتتىپاقداش ئەزالىرىغا ئەركىن ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدىكەن. بايدېننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ئاللىبۇرۇن ئامېرىكا خەلقئارا ئىتتىپاق تەشكىللەپ، خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا شەكىللەندۈرگەن خىرىس ۋە تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن توكيودىكى زىيارىتى جەريانىدا ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توشىمىتسۇ موتېگى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئىككى تەرەپ ئامېرىكا-ياپونىيە ئىتتىپاقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىلىنكېن يەنە خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەركىنلىك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 809 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2021 16:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق