خىتاي فىرانسىيەگە بېسىم قىلماقتا

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باش ئەلچىسى فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تەيۋەن زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە فىرانسىيەنىڭ تەيۋەن دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ يىل يازدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىشقا تەييارلانغانلىقى، مەقسىتىنىڭ تەيۋەننىڭ ۋىرۇسقا قارشى ئۈلگىلىك تەدبىرلىرىنى تەكشۈرۈش ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خىتاينىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لۇ شايې 18-فېۋرال فىرانسىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئالېن رىچاردقا (Alain Richard)خەت يېزىپ، بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتكە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، تەيۋەن مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا خاتا سىگنال بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات فوندى (FRS) نىڭ تەتقىقاتچىسى ئانتون بونداز (Antoine Bondaz)تىۋىتتېر ھېساباتىدا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «خىتاي بۇ خەت ئارقىلىق بىزنىڭ دېموكراتىك سىستېمىمىزغا قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئارىلاشتى. كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ نەگە بېرىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى، ئۇلار مۇۋاپىق دەپ قارىغان ھەممە كىشى بىلەن كۆرۈشىدۇ» دېگەن.
تەيۋەننىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋۇ جىجۇڭ مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «تەيۋەن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە مۇستەقىل دۆلەت، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ھوقۇقى بار، شۇنداقلا تەيۋەن بىلەن فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان زىيارەت ۋە ئالاقىسى بار. رىچارد تەيۋەن خەلقىنىڭ دوستى. خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ بۇ ھەقتە قالايمىقان سۆز قىلىش ھوقۇقى يوق» دېگەن.

بۇ خەۋەر 935 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2021 16:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق