ئىستانبۇلدىكى «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى داۋام قىلماقتا

ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي داۋاملاشماقتا. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرمە ۋە لاگېرلاردا ئازاب چېكىۋاتقان، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاۋازى بولۇش ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى خەلقئاراغا تونۇتۇش مەقسىتىدە شەخسىي ئىشلىرىنى تاشلاپ، ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئەتىگەندىلا يىغىلغان نامايىشچىلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قىلمىشىغا قارشى نامايىشىنى داۋاملاشتۇردى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، «زالىم خىتاي، ئاتا-ئانىمىز نەدە؟»، «قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈركىيە خەلقىنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.

بۈگۈن «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى باشلانغىنىغا 88 كۈن بولدى. نامايىشقا قاتناشقانلار ئىچىدىن يەنە تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ شەرقىي تۈركىستاندا لاگېرغا قامالغان تۇغقانلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، تۆت يىلدىن بېرى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ پات يېقىندا تۈركىيەگە كېلىدىغانلىقىنى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىدىن تۈركىيە پۇقراسى بولغان ئۇيغۇرلارغا ئىگە بولۇپ، خىتايدىن ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سۈرۈشتە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.خىتاي نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيەتلىرى ۋە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە يول قويماي كەلمەكتە، شۇنداقلا خەلقئارادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن بىر پەيتتە، خىتاي يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ، جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 995 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2021 16:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق