ئۇيغۇر دېھقانلار ئىزچىل ھاشارغا سېلىنماقتا

يېقىنقى مەزگىللەردە ھەركۈنى دېگۈدەك ئاشكارىلىنىۋاتقان سىنلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن كېچە-كۈندۈز ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلاپ بەرمەكتە.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر قىسىم سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم يېزىلاردا ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان ئۇيغۇر خەلقنىڭ يەر ئاغدۇرۇش، كۆچەت تىكىش، يول ياساش، شاخ توشۇش، دەرەخ سىرلاش قاتارلىق ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ھاشارغا سېلىنىۋاتقانلار ئىچىدە كەتمەننى تەستە تۇتىدىغان بوۋاي-مومايلارمۇ بار بولۇپ، سىننى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ يۈرىكى ئېچىشىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر سىندا بىر خىتاي ئايالنىڭ ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان ئاياللارغا ئالما بىلەن سۇ تارقىتىپ بەرگەنلىكى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي ئايالنىڭ سىندىكى گېپىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نورمالدا ئۇلارغا چۈشلۈك تاماق ئۈچۈن قۇرۇق نان بىلەن مىنېرال سۇ بېرىلىدىكەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرى سىياسىتى يۈرگۈزگەندىن سىرت، يەنە ھاشار سىياسىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالماقتا.

بۇ خەۋەر 1180 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2021 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق