شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەر كۆرگەزمىخانا قىلىنماقتا

خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى نەتىجىسىدە، يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا چېقىۋېتىلگەن، بۇزۇۋېتىلگەن، ئۆزگەرتىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ ماڭماقتا.
بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدىكى مەلۇم بىر مەسچىت كۆرسىتىلگەن بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئىچىگە رەسىملەر، ئاسار-ئەتىقىلەر، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى قويۇلۇپ، پۈتۈنلەي كۆرگەزمە زالىغا ئۆزگەرتىۋېتىلگەن. بۇ مەسچىتنىڭ بۇندىن بۇرۇنمۇ باشقا سىنلىرى تارقالغان بولۇپ، مەسچىتنىڭ ئىچىدە خادىملارنىڭ خىتاي ساياھەتچىلەرگە ئۇسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، ئويۇن قويۇپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندا يىغىن ئىچىپ، ئاتالمىش «دىنىي زاتلار»نى «شەرقىي تۈركىستاندا ھەر مىللەت خەلقى دىننى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئەركىن ھالدا ئۆزى خالىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىپ ئىبادىتىنى قىلىدۇ، مەسچىتلەر چېقىپ ئۆزگەرتىلدى دېگەن گەپلەرنىڭ ھەممىسى بۆلگۈنچىلەرنىڭ پىتنە- ئىغۋاسى، مەسچىتلەر ھەرۋاقىت ناماز ئوقۇلۇش ئۈچۈن ئوچۇق» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى. لېكىن يۇقىرىقىدەك سىنلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى، مەسچىتلەرگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ خەۋەر 1555 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2021 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق