خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى ھەققىدە يېڭى كىتاب نەشر قىلىندى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەركىن ژۇرنالىست ئامالىيا پاڭ (Amelia Pang) يېقىندا خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى باش تېما قىلىنغان يېڭى كىتابىنى نەشر قىلدۇرغان.
«خىتايدا ئىشلەنگەن: بىر مەھبۇس، بىر قۇتقۇزۇش ئىلتىجاسى خېتى ۋە ئامېرىكىدىكى ئەرزان ماللارنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنغان بەدەللەر» ماۋزۇلۇق مەزكۇر كىتابتا پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن، ئېغىزى مېتال تاياقچە بىلەن ئېتىلگەن، مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئېغىرلىقىدىن جېنىدىن تويغان مەھبۇسلارنىڭ ئاچلىق ئېلان قىلىشى، بىر قانچە كۈن تاماق يېمىگەندىن كېيىن، گۇندىپاينىڭ مەھبۇسنىڭ بۇرنىدىن ئاشقازانغىچە نەيچە تىقىپ، مەجبۇرىي تاماق يېگۈزۈشلىرى، خىتاينىڭ خەلقئارادىكى ئەرزان باھالىق ماللىرىنىڭ ئارقىسىدا نەچچە مىليون مەھبۇسنىڭ قان-تەرى ۋە ياشلىرى يوشۇرۇنغانلىقى تىپىك ئوبراز ۋە تەسۋىرلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.
خەلقئارا جەمئىيەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك تاراتقۇلاردا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر پەيتتە، بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى دۇنيادىكى، بولۇپمۇ غەرب جەمئىيىتىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سەل قارايدىغان، ئېرەن قىلمايدىغان كىشىلەرگە ئالاھىدە تەسىر قىلغان. شۇنداقلا ئەرزان ماللارنىڭ ئارقىسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يەنە بىر قېتىم دىققەت تارتقان.

بۇ خەۋەر 825 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2021 14:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق