خىتاي يۇمشاق دېتالىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ھەققىدە يەنە بىر ئىسپات ئوتتۇرىغا چىقتى

يېقىندا ئاۋسترالىيەنىڭ بىر بىخەتەرلىك شىركىتى خىتاينىڭ داخۇا شىركىتى ياساپ چىققان يۇمشاق دېتالىنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغان.
«كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى»نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ ئائىلە ۋە سودا بىخەتەرلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاپەتنى نازارەت قىلىش شىركىتىنىڭ لىدىرى، داڭلىق بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى دانىيال لېۋكوۋىتز (Daniel Lewkovitz)كومپيۇتېرىدا خىتاينىڭ داخۇا شىركىتى ئىشلىگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور كامېراسى نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتالىنى ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بارلىقىنى بايقىغان.
دانىيالنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر چىراي تونۇش يۇمشاق دېتالىنىڭ سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئۇنى ھەيران قالدۇرغان. چۈنكى مەزكۇر سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن بېكىتىلگەن.
دانىيال بۇ مەسىلىنى بايقىغاندىن كېيىن، شىركىتىدىكى بارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارغا يوليورۇق بېرىپ، خىتاينىڭ داخۇا شىركىتى مەھسۇلاتىدىن يىراق تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە باشقىلارنى بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرغان.
بۇلتۇر 11-ئايدا ئامېرىكىنىڭ IPVM شىركىتىمۇ داخۇا شىركىتىنىڭ تور بېتىگە قويۇلغان رەسىملەرگە ئاساسلىنىپ، مەزكۇر يۇمشاق دېتالدا ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرىدىغان كود بارلىقىنى بايقاپ چىققان.
داخۇا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 897 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2021 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق