بېرمىدىكى خىتاي زاۋۇتلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 15-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېرمىدىكى ھەربىي باستۇرۇشنى قوللىشى سەۋەبلىك، بېرمىدىكى ئىككى خىتاي زاۋۇتىغا ئوت قويۇۋېتىلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بېرما بىخەتەرلىك قىسىملىرى خىتاي ئىگىدارچىلىقىدىكى زاۋۇت جايلاشقان يانگون شەھىرىنىڭ ھىلېنتايا رايونى ئەتراپىدىكى نامايىشچىلارنى ئوققا تۇتقان بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئىچىدىلا كەم دېگەندە 39 پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن.
رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر رايوندىكى تۆت كىيىم-كېچەك زاۋۇتى ۋە ئوغۇت زاۋۇتىغا ئوت قويۇۋېتىلگەن بولۇپ، 2000غا يېقىن كىشى ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ رايونغا كىرىشىنى توسۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىخەتەرلىك قىسىملىرى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. بەزى خەۋەرلەردە ئىككى زاۋۇتنىڭ كۆيۈپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمما ھەربىي ھۆكۈمەت باياناتچىسى مۇخبىرنىڭ بۇ ھەقتە سورىغان سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەبلەغ سالغان ئىككى كىيىم-كېچەك زاۋۇتىغا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئوت قويۇۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بېرمىدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا بېرما دائىرىلىرىنى خىتاينىڭ مال-مۈلۈكلىرى ۋە پۇقرالىرىنى قوغداشقا، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە جازالاشقا ۋە بېرمىدىكى خىتاي شىركەتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بېرما ئارمىيەسى نامايىش باشلىنىپ بۈگۈنگە قەدەر 126 پۇقرانى ئۆلتۈرگەن. شەنبە كۈنىگە قەدەر 2150 دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىنغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 300 دىن ئارتۇق كىشى قويۇپ بېرىلگەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتىنى قوللىغان، دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ بېرما خەلقىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 714 قېتىم كۆرۈلدى
16/03/2021 14:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق