ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ھەققىدىكى تەكلىپ ئاۋازغا قويۇلدى

بۈگۈن ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش مەسىلىسىنى ئاۋازغا قويۇش يىغىنى ئېچىلدى.
جەنۇبىي ئاۋسترالىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى رېكىس پاترىك(Rex Patrick)ئاۋسترالىيە پارلامېنتىغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»دەپ بېكىتىش تەكلىپىنى سۇنغان بولۇپ، بۈگۈن پارلامېنت ئەزالىرى پارلامېنتتا بۇ تەكلىپنى ئاۋازغا قويغان. ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە 12 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 32 ئاۋازنىڭ رەت قىلىش بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋسترالىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئالتە جەمئىيەت بارلىق ئۇيغۇرلارنى تەشكىللىگەن بولۇپ، ئادلەيد، سىدنېي، رىزبىن قاتارلىق يىراق شەھەرلەردە ياشاۋاتقان 200 گە يېقىن ئۇيغۇر كامبېراغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان.
ئۇيغۇرلار پارلامېنت ئالدىدا شوئار توۋلاپ، پارلامېنتقا سۇنۇلغان تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا قارشى قىلغان نۇتۇقلىرى، شوئارلىرى بىلەن خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشكە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرغان.
ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھېكمەت ھەسەنوف ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، گەرچە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرى پارلامېنتتا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق پارلامېنتتا بۇ مەسىلىنىڭ ئاۋازغا قويۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆپلەپ ئالاقە قۇرۇپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1168 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2021 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق