شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈنسىز يىغىلار گۇۋاھلىق بەرمەكتە

ئېغىر باستۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش سىياسىتى ئاستىدا ئاۋازىنى سىرتقا چىقىرالمايۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىكى كىچىككىنە ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، دەرد-ئەلىمىنى ئۈنسىز يىغىلىرى بىلەن ئىپادىلىمەكتە.
يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرسىتىپ ياش تۆكۈۋاتقانلىقىدەك كۆرۈنۈشلەر كۆرسىتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سىنغا «قانداقراق تۇرغانسەن، جېنىم بالام» دېگەن خەت يېزىلغان. بۇلاردىن باشقا بىر نەچچە سىندىمۇ ئۇيغۇر ئەرلەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ مەيدىسىگە مۇشتلاپ، ئۈنسىز ياش تۆكۈۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان خىتاي ئۆزىنى ئاقلاپ، جازا لاگېرلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىقىدەك سىنلار رېئاللىقنىڭ پۈتۈنلەي باشقىچە ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1221 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2021 15:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق