فىرانسىيەدە بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى

فىرانسىيەدىكى بىر تۈركۈم پائالىيەتچىلەر 14-مارت فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نامايىش ئۆتكۈزۈپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا قىلغان زۇلۇم ۋە زىيانكەشلىكىنى ئەيىبلىدى.
پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلغان رەزىل مۇئامىلىسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ پاختا ئېتىزلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
پائالىيەتچىلەر يەنە خىتاينىڭ كىملىكى ۋە ئېتىقادى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە مەقسەتلىك زۇلۇم قىلغانلىقىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، بۇ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئاز دېگەندە بىر مىليوندىن ئارتۇق گۇناھسىز ئۇيغۇرنىڭ مەجبۇرىي ھالدا جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ لاگېرلاردا تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز پىسخولوگىيەلىك بېسىمنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

بۇ خەۋەر 976 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2021 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق