ئەنقەرەگە يۈرۈش قىلغان ئۇيغۇر ئانىلار كوجائەلىگە يېتىپ باردى

پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىش مەقسىتىدە ئەنقەرەگە پىيادە يۈرۈش قىلىۋاتقان بەش ئۇيغۇر ئانا تۈركىيەنىڭ كوجائەلىگە يېتىپ باردى.
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىنى پارچىلاش، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى بالىلار لاگېرىغا سولاپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ چەت ئەل بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چەكلەش قىلمىشىغا قارشى، شۇنداقلا بەش يىلدىن بېرى خەۋىرىنى ئالالمىغان پەرزەنتلىرىنىڭ دەۋاسىنى خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەقسىتىدە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئانىلار 8-مارت كۈنى ئەنقەرەگە قاراپ پىيادە يولغا چىققان. نۆۋەتتە ئۇلار تۈركىيەنىڭ كوجائەلى تەۋەلىكىدە سەپىرىنى جاپالىق داۋاملاشتۇرماقتا.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قەلبىنۇر تۇرسۇن خانىمىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا قالغان پەرزەنتلىرىنىڭ ھېچقانداق خەۋىرىنى ئالالمىغان، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى بىر قېتىممۇ ئاڭلىيالمىغان. شۇ سەۋەبلىك ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ توختىماستىن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا باشلىغان.

بۇ جەرياندا ئۇلار داڭلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىشقا تېرىشقا بولسىمۇ، بىراق ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. شۇڭا ئۇلار بۇ يىل پىيادە يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرىنىڭ دەۋاسىنى تۈركىيە ۋە خەلقئارادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمى بىلەن پەرزەنتلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئېلىشقا بەل باغلىغان.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «بىر قانچە يىلدىن بېرى پەرزەنتلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن كۆپ. بىز ئۇيغۇر ئانىلار بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ دەۋانى باشلىدۇق. دەۋا يولىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىق بولسىمۇ يېڭىپ، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ خەۋىرىنى ئالغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1223 قېتىم كۆرۈلدى
15/03/2021 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق