ئىستانبۇلدا شىفىرلىق پۇل شايكىسىغا قارشى ھەرىكەتتە 119 خىتاي قولغا ئېلىندى

بۈگۈن ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى رايونىدا خىتاينىڭ زور ئالدامچىلىق شايكىسى بىتچىت قىلىندى.

13-مارت ئىستانبۇل جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاقتى-سوقتىغا قارشى باش ئەترىتىدىن 30 گۇرۇپپا ۋە 100 ساقچى قاتناشقان تۇيۇقسىز باستۇرۇش ھەرىكىتىدە 101 خىتاي خىزمەتچى ۋە ئۇلارنى خىزمەتكە سالغان 18 خىتاي كاتتىباشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 119 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى.

مەزكۇر جىنايەت شايكىسى ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋرى رايونىدىن توققۇز ئايرىم داچا ئىجارىگە ئېلىپ، شىفىرلىق پۇل مۇلازىمەت مەركىزى قۇرغان بولۇپ، 18 خىتاي كاتتىباش خىزمەت ۋەدىسى بىلەن خىتايدىن كومپيۇتېر ئىنژېنېرى ۋە پىروگراممېرلىرىدىن 101 خىتاينى تۈركىيەگە ئېلىپ كەلگەن ۋە ئۇلارنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋېلىپ، مەجبۇرىي ئىشلەشكە زورلىغان، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ داچىدىن سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن. ئىگىلىنىشچە، توردا خىتايلارغا «شىفىرلىق پۇل مەسلىھەتچىلىكى» بېرىدىغانلىقىنى تەشۋىق قىلغان جىنايەت شايكىلىرى كىشىلەرنى: «بىزگە مەۋھۇم پۇلىڭىزنى بېرىڭ، بىز ئىككى ھەسسە پايدىسى بىلەن سىزگە قايتۇرىمىز» دەپ خېرىدارلارنى ئالدىغان. تەكشۈرۈشتە جىنايەت شايكىسىنىڭ ساختا شىفىرلىق پۇل مەسلىھەتچىلىكى ئارقىلىق خىتايدا ياشايدىغان پۇقرالارنى ئالدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

جىنايەت شايكىسىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا مەزكۇر داچىدا مەجبۇرىي ئىشلىتىلگەن ئىككى خىتاي سەۋەبچى بولغان بولۇپ، ئۇلار كېچىدە ئوغرىلىقچە داچىدىن چىقىپ، ئەڭ يېقىن ساقچىخانىغا بارغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئىشلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ داچىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ مەلۇماتقا ئاساسەن جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاقتى-سوقتىغا قارشى باش ئەترىتىدىن 30 گۇرۇپپا ۋە 100 ساقچى بىلەن مەزكۇر باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتىنى ئىجرا قىلغان.

تەكشۈرۈشتە خىزمەتچى خىتايلارنى مەجبۇرىي ئىشلەتكەن 18 جىنايەت كاتتىبېشى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى دەپ بېكىتىلگەن ۋە تۈركىيەگە ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان قالغان خىتايلار خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئۈچۈن كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۇتۇپ تۇرۇش مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلگەن.

بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە بىر يېرىم مىليون لىرا نەق پۇل، 712 يانفون، 112 كومپيۇتېر، 677 يانفون كارتىسى، پۇل ساناش ماشىنىسى ۋە نۇرغۇن قاتتىق دىسكىلار قولغا چۈشۈرۈلگەن. سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان 18 خىتاينىڭ ئالتىسى سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارى بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، قالغان خىتايلارنىڭ دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلىش داۋاملاشماقتىكەن.

 

بۇ خەۋەر 1366 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2021 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق