خىتايلار: ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت خىتاينىڭ بىر قىسىمى

خىتايلار يېقىنقى مەزگىللەردە ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى تىك توك ئارقىلىق «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت خىتاينىڭ بىر قىسىمى ئىدى» دېگەن پىكىرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىغان.

خىتايلار مەزكۇر سىندا: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان... قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش، سىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنسىڭىز بەش دۆلەتكە بىمالال بارالايسىز. چۈنكى تاڭ، يۈەن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مەزكۇر بەش دۆلەت خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. شائىر لى بەي قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان» دېيىلگەن.

ئالدىنقى يىلى خىتاي تور بەتلىرىدە «قازاقىستان نېمە ئۈچۈن ۋەتەن قوينىغا قايتمايدۇ؟» سەرلەۋھەلىك يازمىلارنى يوللاپ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. ئاخىرىدا قازاقىستان تەرەپ خىتاينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، مەزكۇر يازمىلار تور بەتتىن ئۆچۈرۈلگەن ئىدى. 

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئورنىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە خىرىس قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ خىتايدىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1376 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2021 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق