خوڭكوڭ خەلقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاينى رەت قىلىشقا چاقىردى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا 24 خوڭكوڭلۇق پائالىيەتچى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن ۋون دېر لېين ( Von der Lein )غا ئوچۇق خەت يېزىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خىتاي بىلەن تۈزمەكچى بولغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلىماسلىققا چاقىرغان.

ئوچۇق خەتتە خىتاينىڭ خىتاي-ئەنگلىيە بىرلەشمە خىتابنامىسىدىكى خەلقئارالىق مەجبۇرىيىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى، خىتاي خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىغا ئاساسەن، دېموكراتىيەنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئالغانلىقى، خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇنى ۋە خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسىدىكى ئاساسىي ئەركىنلىككە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، ئەھۋال شۇنداق تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزمەكچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئوچۇق خەتتە يەنە: «خىتاي خوڭكوڭ مەسىلىسىدە خەلقئارالىق مەسئۇلىيىتىنى ئاشكارا ئادا قىلمىدى. شۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يەنە خىتاينىڭ ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشى بىمەنىلىك. شۇڭا بىز خوڭكوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، دېموكراتىيەنى قوللايدىغان بارلىق پائالىيەتچىلەر قويۇپ بېرىلىشتىن ئىلگىرى، ياۋروپانىڭ خىتاي-ياۋروپا ئۇنىۋېرسال مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىماسلىقىنى تەلەپ قىلىمىز» دېيىلگەن.

ئوچۇق خەتتە يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا كېلىشىمنى تەستىقلىشى خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلىرىدە تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىك بولىدىغانلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا چوقۇم ئېنىق قىزىل سىزىق ۋە شەرتلەرنى قويۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى 11-مارت بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئاتالمىش «خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ سايلام سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش قارارى»نى ماقۇللاپ، خوڭكوڭ پارلامېنتىدىكى دېموكراتچىل ۋەكىللىرىنىڭ سانىنى تېخىمۇ ئازايتىشنى پىلانلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر مەزكۇر ئوچۇق خەتنىڭ خىتاي-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى بايقۇت قىلىشنى قارار قىلغان ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كۆپ ساندىكى ئەزالىرى ئۈچۈن كۈچلۈك قورالغا ئايلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 889 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2021 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق