خىتاي بىر تۈركۈم دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەركەزلىك ئورنىغا قارشى تۇرۇشنى پىلانلىغان

گېرمانچە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي، رۇسىيە، شىمالى كورىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر يەككە تەرەپلىك دۇنيا سىستېمىسىغا قارشى ئىتتىپاق قۇرماقچى بولغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېن ئامېرىكىنىڭ كۆپ تەرەپلىك ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى قايتىدىن چىڭىتىۋاتقان بىر پەيتتە، دۇنيادىكى 16 دۆلەت بىلەن ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىتتىپاق قۇرغان. خىتاي شۇ ئىتتىپاق ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى رەھبەرلىكىگە جەڭ ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك، بايدېن يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاي بىلەن تىركىشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.

رويتېر ئاگېنتلىقى ئېرىشكەن خىتاينىڭ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنى قوغداش گۇرۇپپىسى» ناملىق ھۆججەتتە كۆپ تەرەپ سىستېمىنىڭ ھازىر كۆرۈلۈپ باقمىغان ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى، يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياۋروپانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتى بۇ ھەقتە: «بۇ ئاتالمىش دوستلار گۇرۇپپىسى ب د ت نىزامنامىسىگە ئەڭ كۆپ خىلاپلىق قىلغۇچىلاردۇر، ئەسلىدە ئۇلار ئۆز دۆلىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن ئىش باشلىشى كېرەك ئىدى» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باشچىلىقىدىكى مەزكۇر ئىتتىپاقتا ئىچىدە ئالجىرىيە، ئانگولا، بېلارۇسىيە، بولىۋىيە، كامبودژا، كۇبا، ئېرىترېيە، لائوس، نىكاراگۇئا، ساينىت ۋىنسېنت ۋە گىرېنادا، سۇرىيە ۋە ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بايدېن سابىق پىرىزدېنت تىرامپنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن چېكىنىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئامېرىكىنى كىلېمات كېلىشىمىگە قايتۇرۇپ كەلگەن. ئۇ يەنە جەنۋەدىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بىلەن بولغان ئالاقىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرگەن ھەمدە خەلقئارا يادرو كېلىشىمىگە قوشۇلۇشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 933 قېتىم كۆرۈلدى
13/03/2021 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق