سەلچۇق ئۆزداغ: سىلەر ئادالەتسىزلىككە، ناھەقچىلىككە يول قويدۇڭلار

ئىيى پارتىيەسى تەرىپىدىن تۈركىيە پارلامېنتىغا (بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) سۇنۇلغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نەتىجىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش» نىشان قىلىنغان تەكلىپ لايىھەسى 10-مارت پارلامېنتتا رەت قىلىنغان ئىدى.
كېلەچەك پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ نەتىجىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ باياناتىدا: «بۇنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ ئەھۋالنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمەن. كانادادا، ياۋروپادا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلار پارلامېنتلىرىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارلىرى ماقۇللىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيەدە تەكشۈرۈش تەكلىپىمۇ قوبۇل قىلىنمىدى. ئاق پارتىيەسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى يەنە بىر قېتىم مىللەتچىلىك ۋە دىندارلىقنىڭ پەقەت سۆزىدىلا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ھەر كۈنى دۆلەت، مىللەت دەپ ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرگەن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالنى ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قانداق چۈشەندۈرىدىغانلىقىغا قىزىقىۋاتىمەن. مەن ئۇلارغا ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ شۇ سۆزلىرىنى تىلغا ئالماقچىمەن: ئىنسانلار نامراتلىق، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەمما ئۇلار ئادالەتسىزلىككە، ھۆرمەتسىزلىككە، ھاقارەتكە ھەرگىز يول قويمايدۇ. بۈگۈن سىلەر ئادالەتسىزلىك ۋە ھاقارەتكە يول قويدۇڭلار» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 890 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2021 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق