ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلدى

11-مارت ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋاشىنگتوندا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم ۋە باشقا تەشكىلات خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار پومپېيو ئەپەندىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈرگەن ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلغان. ئارقىدىن پومپېيو ئەپەندىگە ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن گىلەم تەقدىم قىلغان.
پومپېيو سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى داۋاملىق كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەردائىم ئادالەتنى ياقىلايدىغانلىقىنى، ھازىرقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرنى ئۆزى بىلەن ئوخشاش «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى پومپېيو ئەپەندىنى تىللاش ۋە ھاقارەتلەشكە مەجبۇرلىغان بىر پەيتتە ئۇنىڭ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ كۆرۈشۈشنىڭمۇ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 989 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2021 13:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق