بىر قىسىم ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە قۇلاق يوپۇرۇۋالماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى خەلقئارادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، بىر تۈركۈم شىركەتلەر ئالاقىدار خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما كۆپلىگەن شىركەتلەر بۇنىڭغا يەنىلا قۇلاق يوپۇرۇۋالغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق شىركەتلەرنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا سادىر قىلغان ۋەھشىيلىكىگە شېرىك بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكىدىكى چوڭ شىركەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى خاتالىقىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈلگەن. 

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى سوفىي رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا مەسىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىدىكەن ياكى مەسئۇلىيەتنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ ئويلايدىكەن. بۇ سەۋەبلىك ھۆكۈمەت بىر قاتار بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك ئىكەن. بولمىسا ھەممە كىشى مەسئۇلىيەتتىن قېچىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ژۇرنىلى The Wire China»» 7-مارت بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇخبىرى خىتايدا سودا قىلىۋاتقان 48 ئامېرىكا شىركىتىنى تەكشۈرگەن. مۇخبىرلار شىركەت ئىگىلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى سىستېمىلىق باستۇرۇشقا قارشى مۇناسىپ تەدبىر قوللانغان-قوللانمىغانلىقىنى سورىغان. ئامازون، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە شىركىتى ۋە ۋالمارت ۋە دىسنىي قاتارلىق شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىشنى رەت قىلغان. پەقەت ئالما، كاتېرپىلار، ئىنتېل، دېل ۋە فايزېر قاتارلىق ئالتە شىركەت شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە جاۋاب بېرىپ، ئۆز شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئالتە شىركەت ئىچىدە پەقەت دېل شىركىتىلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 863 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2021 13:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق