ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ نامايىش ئورنىغا چەكلىمە قويۇلدى

ئۈچ يىلىدىن گوللاندىيەدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ، يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش باشلىغاندىن كېيىن، گوللاندىيە ساقچىلىرى ئۇنىڭ نامايىش ئورنىغا چەكلىمە قويغان.
ئابدۇرېھىم ئەپەندى نامايىش جەريانىدا تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بىرنەچچە كۈن بۇرۇن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا خادا تىكلەپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى چىقارغان ئىدى. ئالدىنقى كۈنلىرى ئۇ يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پىلاكاتىغا تۈكۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى بىلدۈرگەندە، ساقچىلار كېلىپ ئۇنى توسۇپ قالغان.

10-مارت ئابدۇرېھىم ئەپەندى يەنە خىتاي ئەلچىخانىسى خادىمى ماشىنىسىدا ئەلچىخانىغا كىرىۋاتقان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ماشىنىنىڭ قېشىغا بېرىپ، خىتايدىن ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلماقچى بولغاندا، بىخەتەرلىك ساقچىلىرى كېلىپ ئۇنى توسۇپ قالغان. ساقچىلار ئاخىرى ئەلچىخانا ئالدىغا سىزىق سىزىپ: «بەلگىلەنگەن سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتسەڭ، نامايىش قىلىش ھوقۇقۇڭ بىكار قىلىنىدۇ» دەپ، ئابدۇرېھىم ئەپەندىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئابدۇغېنى ئەپەندى ئۈچ يىلدىن بېرى ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى داۋاملاشتۇرۇش كەلگەن بولۇپ، كۆپلىگەن خەلقئارالىق تاراتقۇلار بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلىگەن. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك جىنايەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان سۈرەتلەرنى كۆرگەزمە قىلىش، نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى زىيارەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1035 قېتىم كۆرۈلدى
12/03/2021 12:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق