ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا «ھىرا كومپيۇتېر مەكتىپى» رەسمىي ئېچىلدى

9-مارت ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدا «ھىرا كومپيۇتېر مەكتىپى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىكى بىر قىسىم ئۆلىمالار ۋە جامائەت ئەربابلىرى ئىشتىراك قىلدى ۋە ھىرا ۋەقفىنىڭ تەلىم-تەربىيە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈشتى.
مۇراسىمدىن كېيىن، قاتناشقۇچىلار يەنە ھىرا تىككۈچىلىك كۇرسىنى زىيارەت قىلدى ۋە بۇ خەيرلىك ئىشلارنىڭ داۋام قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىشتى.


ھىرا مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ۋەقفى يېقىندىن يىللاردىن بېرى مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلارغا تونۇلغان، ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش، ئانا تىل سەۋىيەسى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، چەتئەل تىلى ئۆگىتىش، دۆلەت مەكتەپلىرىدە دەرسكە يېتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئىلگىرىلەۋاتقان، ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى جەھەتتە خەلقنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن تەلىم- تەربىيە جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بىر نەچچە يىلدىن بېرى كومپيۇتېر كەسپىدە ئوقۇغۇچى تەربىيەلەۋاتقان ھىرا تىل تەربىيەلەش مەركىزى بۇ نۆۋەت «ھىرا كومپيۇتېر مەكتىپى»نى روياپقا چىقارغان بولۇپ، نۆۋەتتە سەفاكۆي رايونىدا ئېچىلغان بۇ ئۈچىنچى تارمىقىدا دەرس رەسمىي باشلاندى.

بۇ خەۋەر 1217 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2021 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق