ئەنگلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە چاقىرتىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى كارولىن ۋىلسون (Caroline Wilson) ئەلچىخانىنىڭ رەسمىي ئۈندىدار ھېساباتىدا ئاخبارات ئەركىنلىكى ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسى سەۋەبلىك خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن چاقىرتىلغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، كارولىن ۋىلسوننىڭ «چەت ئەل تاراتقۇلىرى خىتاينى ئۆچ كۆرەمدۇ؟» سەرلەۋھەلىك ماقالىسى ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئۈندىدار ھېساباتىدا خىتاي تىلدا ئېلان قىلىنغان.
ماقالىدە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىرلەشمىسىنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى توغرىسىدىكى 2020-يىللىق دوكلاتى چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، دوكلاتتا خىتاينىڭ 30 يىلدىن بېرى چەت ئەل مۇخبىرلىرىنى ئەڭ كۆپ قوغلاپ چىقارغان بىر يىل بولغانلىقى يېزىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ: «كارولىن ۋىلسون ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ئورگىنىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى بولۇپ تۇرۇپ، رەسمىي تاراتقۇ سۇپىلىرىدا چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يالغان خەۋەرلىرىنى تارقاتتى. خەۋەر نازارەتچىلىكىنى قالايمىقانلاشتۇردى» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بۇ ھەقتە: «خىتاي ئەزەلدىن چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا قارشى تۇرۇپ باقمىدى. باشقىلار ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكى بايرىقى ئاستىدا ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ خىتايغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن.
يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان خوڭكوڭ، شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن خىتاي-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەن. بۇ جىددىيلىك يېقىندا ئاخبارات ساھەسىگە كېڭەيگەن. ئالدىنقى ئايدا ئەنگلىيە ئۇچۇر ۋە ئالاقە ئىدارىسى خىتاي كومپارتىيەسى ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى (CGTN) نىڭ تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلغان، خىتايمۇ ئۇزۇن ئۆتمەي BBC قانىلىنىڭ خىتايدىكى تارقىتىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1060 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2021 15:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق