دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى 10-مارت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا «ئەتراپلىق ۋە ئادىل يارىشىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
بىرلىك باياناتىدا خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى ئىجرا قىلىنىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۈرمىگە سولاش، قىيناش ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش، دىنسىزلىقنى مەجبۇرىي تېڭىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش قاتارلىق بارلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
باياناتتا يەنە خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت «جازا لاگېرى» دەپ تەسۋىرلەۋاتقان ئورۇنلارنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى» دەپ ئاتاپ، بۇ مەركەزلەردە «تۇتقۇنلارنىڭ ئىدىيەسىنى ئاشقۇن ئىدىيەدىن تازىلاش»نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ خەلقئارالىق تاراتقۇلار تىلغا ئېلىۋاتقان «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئېغىر باستۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەدرىجىي يوقىتىشقا ئۇرۇنۇش، ئاياللارنى تۇغۇتتىن چەكلەش ئۈچۈن تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلىشقا مەجبۇرلاش ۋە بالىلار ۋە ياشلارنى مەجبۇرىي يۆتكەش» قاتارلىق خەۋەرلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا بېيجىڭنى بۇ قىلمىشلىرىدىن ۋاز كېچىشكە ۋە مۇسۇلمانلارغا بارلىق قانۇنىي ۋە ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى بېرىشكە، ھەر خىل شەكىلدىكى ئادالەتسىزلىكنى تۈگىتىشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە چاقىردى.
بىرلىك يەنە بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىنى بازا قىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە، بولۇپمۇ خىتايدا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلارغا قارىتا شەرىئەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.
بىرلىك يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، ئەركىن دۆلەتلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە مۇسۇلمانلارنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىردى.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى يەنە بېيجىڭنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى بىلەن دوستلۇق ۋە كۈچلۈك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئېتىقاد، ئىنسانىيەت ۋە ئورتاق تارىختىكى قېرىنداشلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەرگىز قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا يەنە بىرلىكنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئەتراپلىق ۋە ئادىل يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشۇشقا، ئەگەر بېيجىڭ قوبۇل قىلسا، مەخسۇس ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، يەرلىك مۇسۇلمانلار ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن نەق مەيداننى زىيارەت قىلىشقا ۋە ئالاقىنى ساقلاپ قېلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى 2004-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، باش ئورگىنى قاتارنىڭ پايتەختى دوھاغا جايلاشقان. ئۇ مۇستەقىل ئاممىباب ئورگان بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىدىكى دۆلەتلەر، ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار ۋە ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئىسلام گۇرۇپپىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ خەۋەر 840 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2021 14:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق