ئىيى پارتىيەسى تەرىپىدىن تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەكلىپ رەت قىلىندى

يېقىندا ئىيى پارتىيەسى تەرىپىدىن تۈركىيە پارلامېنتىغا (بۈيۈك مىللەت مەجلىسى) سۇنۇلغان «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە نەتىجىسىنى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش» نىشان قىلىنغان تەكلىپ لايىھەسى 10-مارت پارلامېنتتا رەت قىلىنغان.
مەزكۇر تەكلىپ لايىھەسىگە ئىيى پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر خەلق پارتىيەسى ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيەسى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەت قىلغان، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بولسا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن.
ئىيى پارتىيەسى گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى لۇتفۇ تۈرككان تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «1950-يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسى پەقەت تۆت پىرسەنتنى ئىگىلىگەن خىتايلارنىڭ نوپۇس نىسبىتى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە %50كە يەتتى. خىتاي پىلانلىق تۇغۇت نامىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇتىنى چەكلىدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمان تۈرك خەلقىنى يوقىتىشتۇر. ئۇيغۇر ئەرلىرى تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقان مەزگىلدە خىتاي دائىرىلىرى قوشماق تۇغقان سىياسىتى نامىدا خىتاي ئەرلىرىنى ئۇيغۇر قىز-ئاياللار بار ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇردى. بۇ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن نومۇسسىزلىقتۇر. بۇ رەھىمسىزلىككە، بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان ھەرقانداق كىشى ئۇيغۇر خەلقى تارتقان بۇ رەھىمسىزلىكنىڭ ۋابالىنى تارتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 814 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2021 14:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق