فىرانسىيە: خىتاينىڭ قىلمىشلىرى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې دىرىيان چارشەنبىدىكى باياناتىدا، گەرچە بېيجىڭ تەرەپ ئىنكار قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە لاگېرغا قاماش قىلمىشىنىڭ دەلىللەنگەن بىر ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
لې دىرىيان چارشەنبە فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىدا سۆز قىلىپ: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، جازا لاگېرىغا قامالغان ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، ئىز-دېرەكسىز يوقىتىۋېتىش، كەڭ كۆلەملىك قاماش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش، ۋەكىل خاراكتېرلىك مەسچىتلەرنى چېقىپ ۋەيران قىلىش ۋە نازارەت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پاكىتلىق ئىسپاتلىغان» دېگەن.
لې دىرىيان يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى باركلېينىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقئارالىق تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئادىل، مۇستەقىل تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان ۋە تەكشۈرۈش قانچە بالدۇر بولسا، شۇنچە ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە فىرانسىيە شىركەتلىرىدىن ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىغا ئارىلىشىپ قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلغان.
لې دىرىيان يەنە 24-فېۋرال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا خىتاينى ئەيىبلەپ: «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى سىستېمىلىق باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە» دېگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 848 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2021 13:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق