تۈركىيەدىكى «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى داۋام قىلماقتا

ئىستانبۇلدىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسىنىڭ ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «مىللەت نۆۋىتى» نامايىشى ھاۋانىڭ سوغۇق بولۇشىغا قارىماي داۋاملاشماقتا. بۈگۈن ئەتىگەندىلا ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا يۈزلىگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا قارشى نامايىش قىلدى.
قوللىرىدا ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈپ، «زالىم خىتاي، ئاتا-ئانىمىز نەدە؟»، «قىرغىنچىلىقنى توختات!»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى تۈرك خەلقىنىڭ ياردىمىنى كۈتمەكتە!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
10-مارتتىكى نامايىشتا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتى رەئىسى ئەلى ئەكبەر داموللام خىتاي تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى جىنايەتلىرى ھەققىدە دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتايىنىڭ يالغان تەشۋىقاتلىرىغا ئالدانماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن ئىسلامىي جەمئىيەت مۇنبىرى ۋەكىلى نامايىشچىلارنى زىيارەت قىلىپ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە: «بىز خىتاينىڭ سىلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش، قىرغىن قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى كېرەكلىك ياردەم قىلالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن خىجىل بولۇۋاتىمىز. بىز بۇندىن كېيىن سىلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشىڭلارغا، قارشىلىق ھەرىكىتىڭلارغا ھەر كۈنى بىر نەچچە ۋەكىل قاتنىشىپ، سىلەر بىلەن ھەمدەمدە بولۇش قارارىغا كەلدۇق» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.
خىتاي نۆۋەتتە خەلقئارادىكى ئىنسان ھەقلىرى كۆزىتىش جەمئىيەتلىرى ۋە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە يول قويماي كەلدى. شۇنداقلا خەلقئارادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېنىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن بىر پەيتتە، خىتاي يەنىلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى بۇرمىلاپ، جىنايى قىلمىشىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.

بۇ خەۋەر 1072 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2021 13:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق