خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ 9-مارتتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي چەكلىمە ۋە دىنغا قارشى جىنايى قىلمىشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش مەقسىتىدە، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دىنىي زاتلارنى يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكە مەجبۇرلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنىڭ چېقىلغانلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى»نىڭ باياناتچىسى ئېلىجان ئانايەت، مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى يىغىش، رەتلەش، نەشر قىلىش ۋە پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئابلەت ھەسەن، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەلىك ئاتالمىش ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇۋەلى ئابلىمىت، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق ئىتتىپاق مەسچىتىنىڭ ئىمامى تاشتۆمۈر قادىر، خوتەن شەھىرى ئىلچى بازىرى توفۇچا مەسچىتىنىڭ ئىمامى لۇتپۇللا ئابدۇرېھىم قاتارلىقلار قاتناشتۇرۇلغان.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلار خىتاينىڭ ئورناشتۇرۇشى بويىچە، يىغىنغا قاتناشتۇرۇلغان قورچاق ئەمەلدار، ئاتالمىش ئىمام ۋە خاتىپلاردىن «چەت ئەلدە خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنى مەجبۇرىي چېقىۋەتتى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئورۇنلىرىنى ۋەيران قىلدى، دېگەندەك سۆزلەر تارقالدى. بۇنىڭ نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىز؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان.
قورچاق ئەمەلدار ۋە ئىماملار ئالدىن تەييارلانغان، قېلىپلاشقان سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلىتىپ: «شىنجاڭدىكى دىنىي ئورۇنلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھېچقانداق تەشكىلات ئارىلاشمايدۇ. دىنىي خادىملارنىڭ دىنىي پائالىيەت ۋە مۇراسىملارغا رىياسەتچىلىك قىلىش ھوقۇقى بار، پۇقرالارنىڭ دىنىي سورۇنلاردا ۋە ئۆز ئۆيلىرىدە ئىبادەت قىلىشى، روزا تۇتۇشى ۋە دىنىي بايرام، ئۆرپ-ئادەتلىرى، نورمال دىنىي پائالىيەتلىرى چەكلەنمەيدۇ» دەپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىشكەن.
ئۇلار يەنە خىتاينىڭ تۆت يىلدىن بېرى «ئىسلام دىننى خىتايلاشتۇرۇش» رەزىل پىلانىغا ئاساسەن چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما پاكىتنى بۇرمىلاپ ۋە باھانە كۆرسىتىپ: «شىنجاڭدىكى مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى سېلىنغان. مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى خام خىش بىلەن سېلىنغان بولغاچقا، شامال چىققاندا، يامغۇر ياغقاندا ئۆرۈلۈپ كېتىش خەۋپى بار بولۇپ، نورمال دىنىي پائالىيەت قىلىشقا ئامال بولمىغان، يەر تەۋرەش بولۇپ قالسا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپى بولغان، قۇرۇلۇشى تەلەپكە لايىق بولمىغان. شەھەر-يېزىلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرىگە قولاي كەلمەيدىغان مەسچىتلەر مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ تەلىپى ھەمدە چاقىرىقىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلدى ھەمدە باشقا يەرلەرگە يۆتكەش، كېڭەيتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىندى» دەپ بىلجىرلىغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىش جىنايىتىنى يوشۇرۇپ قېلىشقا كۆزى يەتمىگەچكە، بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش، ئۆزىنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تۈرلۈك باھانىلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسچىتلەرنىڭ يىللار بۇرۇن ئاساسەن دېگۈدەك بېتون قۇرۇلمىلار بىلەن يېڭىلانغانلىقىنى، خىتاينىڭ كۆرسەتكەن باھانىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.