تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يەنە كۆپىيىشكە باشلىدى

10-مارت تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ 14 مىڭ 556 گە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
فاھرەتتىن كوجا بىر كۈن ئىچىدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندى، دەپ گۇمان قىلىنغان 145 مىڭ 130 كىشىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېڭىدىن 14 مىڭ 556 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئۇ يەنە تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشكە باشلىغانلىقىنى، بىر كۈن ئىچىدە يەنە 67 كىشى قازا قىلىپ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ جەمئىي 9193 كە يەتكەنلىكىنى، قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياشانغانلار ئىكەنلىكىنى، ياشانغان ۋە تېنى ئاجىزلارنىڭ سالامەتلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 701 قېتىم كۆرۈلدى
11/03/2021 13:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق