گوللاندىيەدىكى خىتاي تەشكىلاتلىرى پارلامېنتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

8-مارت گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان 50دىن ئارتۇق خىتاي تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»نى ئېتىراپ قىلىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسى 22-فېۋرال قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن بىئارام بولغان گوللاندىيەدىكى 50 تىن ئارتۇق خىتاي تەشكىلاتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بۇ قارارىغا قارشى بايانات ئېلان قىلغان. مەزكۇر تەشكىلاتلار باياناتتا: «خىتاي ھەققىدىكى ئەيىبلەشنىڭ ئاساسى يوق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغاندىن پەيدا قىلغان توقۇلمىلىرى» دەپ بىلجىرلىغان.

مەزكۇر باياناتتا ئىشلىتىلگەن ئىبارىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باياناتچىلىرى تەكرارلاپ كېلىۋاتقان قېلىپلاشقان ئىبارىلەر بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولۇشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي مىللەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇتلەق كۆپ ساندىكى تەشكىلات، گۇرۇپپىلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەركىن دۆلەتتە ياشاۋاتقان، نامدا بولسىمۇ خىتاي رېجىمى بىلەن باغلىنىشى بولمىغان مەزكۇر تەشكىلاتلارنىڭ گوللاندىيەگە ئوخشاش ئەركىن دۆلەتتە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىتاينىڭ قەدەممۇقەدەم غەرب ئەللىرىگە سىڭىپ كىرىۋاتقانلىقى ۋە ئىقتىساد، سىياسەت جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغانلىقىدەك رېئاللىقىنى كۆرسىتىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
10/03/2021 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق