شەمشىقەمەر خانىم سائادەت پارتىيەسى تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى

تۈركىيەدىكى سائادەت پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى ئاياللار بۆلۈمى 8-مارت خەلقئارالىق ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن «ھاياتقا قىممەت قوشقان ئاياللار» تېمىسىدا پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى. پائالىيەتكە نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان شەمشىقەمەر ئاتۇش خانىم تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
پائالىيەتتە سائادەت پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى ئۆمەر فارۇق يازىجى ۋە سائادەت پارتىيەسىنىڭ ئىستانبۇل ئاياللار شۆبىسىنىڭ رەئىسى ناگەھان گۈل ئاسىلتۈرك نۇتۇق سۆزلىدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئاياللارغا ئانىلىق، ئاخبارات، سەنئەت، ئەدەبىيات، تەشكىلات، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان توپنىڭ باياناتچىسى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇكاپات تەقدىم قىلىندى. مۇكاپات بېرىلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان شەمشىقەمەر خانىمنىڭ دەۋادا ئىزچىل بوشاشماي قەدەم بېسىۋاتقانلىقى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى دۇنيا جامائىتىگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، «ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان توپنىڭ باياناتچىسى» دېگەن مۇكاپاتى بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 1049 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2021 16:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق