ھاشار ۋە سىياسىي ئۆگىنىش شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئىسكەنجىگە ئالماقتا

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشىگە ماس ھالدا، يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھاشار سىياسىتى بىلەن مېڭە يۇيۇش سىياسىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەلگەن بولۇپ، خەلق كۈندۈزى ھاشار، كېچىسى سىياسىي ئۆگىنىش بىلەن قىيىن ئەھۋالدا ياشىماقتا.
يېقىنقى كۈنلەردە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سىنلاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھاشارغا سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆرسىتىلگەن بولۇپ، سىندا ئۇلارنىڭ ھەركۈنى دېگۈدەك يول قۇرۇلۇشى، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى، كۆچەت تىكىش قاتارلىق ھاشارلارغا سېلىنغانلىقى مەلۇم بولغان.
بۇلاردىن سىرت، ئۇلارنىڭ يەنە ئاخشىمى «سىياسىي ئۆگىنىش» نامىدا كوممۇنىستىك پارتىيەنى، شى جىنپىڭنى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنى مەدھىيەلەيدىغان قىزىل ناخشىلارنى يادلاپ ئېيتىشقا، خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
گەرچە شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر تۈركۈم خەلق جازا لاگېرىغا ياكى تۈرمىگە قامىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ تۈرلۈك باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرماقتا.

بۇ خەۋەر 851 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2021 16:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق