خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى خىتايلاشتۇرۇش جىنايىتى ھەققىدىكى ئىسپاتلار داۋاملىق ئاشكارىلانماقتا

يېقىنقى كۈنلەردە شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر يەسلىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىسە جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان سىن كۆپلەپ تارقىلىپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئالدىنقى يىللاردا تارقالغان يەنە بىر سىنمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايتىدىن دىققەت قوزغىدى.
مەزكۇر سىندا مەلۇم بىر خىتاي ئايالنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى ئوقۇغۇچى بالىلارنى زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن. سىندا خىتاي ئايال بىر ئۇيغۇر بالىدىن: «سىلەرنىڭ مەكتەپتە خىتاي ئوقۇغۇچى بارمۇ؟ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە پاراڭلىشامسىلەر؟ دەرسىڭلار ئۇيغۇرچىمۇ، خىتايچىمۇ؟ ئۆيۈڭلاردا ئۇيغۇرچە پاراڭلىشامسىلەر؟» دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان. ئۇيغۇر بالا بۇنىڭغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، مەكتىپىدە خىتاي ئوقۇغۇچىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە پاراڭلاشمايدىغانلىقىنى، مەكتەپتە ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يەنە بىر نەچچە سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر يەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە بولغان 30 غا يېقىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرنىڭ بىر تۇتاش خىتاي كىيىمى كىيدۈرۈلگەن ھالدا، خىتايلارنىڭ چاڭچىلە ئۇسۇلىنى ئويناۋاتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈش كۆرسىتىلگەن.
بۇندىن بۇرۇن خىتاينىڭ ئورگان تاراتقۇلىرىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى» سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارا خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ خىتاي كىيىملىرىنى كىيىپ ئويۇن قويۇۋاتقانلىقى، خىتايچە قەدىمىي ئەسەرلەرنى مەجبۇرىي ئۆگىنىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلانغان ئىدى.
گەرچە خىتاي دائىرىلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلەشلەرنى پۈتۈنلەي رەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ھېچقانداق تىل چەكلىمىسى يوقلۇقى، خەلقنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ ھۆرمەت قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدە بىلجىرلاپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قىممەتلىك ئىسپاتلار خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى قايتا-قايتا پاش قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1099 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2021 15:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق