پارىژدىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدا مىڭلىغان كىشى پارىژ كوچىلىرىغا چىقىپ نامايىش قىلغان بولۇپ، پارىژدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرىمۇ نامايىشقا قاتنىشىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن.
فىرانسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، نامايىش تەشكىللىگەن فىرانسىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاراتقان رەھىمسىز قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن. فىرانسىيە ئۇيغۇرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى ئاينۇر مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا دۇنيا خەلقىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان تۈرلۈك دەپسەندىچىلىكلەركە دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «خىتاي مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرىغا سولىدى. ئاياللارنىڭ تۇغۇشىنى چەكلىدى، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى، زوراۋانلىق قىلدى. بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى، بولۇپمۇ ياۋروپانى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىتىگە قارشى دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرىق قىلىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 1699 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2021 15:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق