خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئادرىيان زېنز ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا مەجبۇرلىدى

بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى كۈچلۈك دەلىللەر ئىسپاتلاپ چىققان گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئەپەندى ئۈستىدىن خەلقنى ئەرز قىلىشقا مەجبۇرلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئالدىنقى يىلى بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قارىتا مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى ئىجرا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى يەرلىك شىركەتلەر ۋە كىشىلەرنىڭ ئادرىيان زېنز ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى «تەڭرىتاغ تورى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، ئادرىيان زېنز ئېلان قىلغان تەتقىقات دوكلاتى سەۋەبىدىن بەزى دۆلەت ۋە شىركەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىن پاختا ۋە پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى ئازايتقان، ھەتتا توختاتقان. بىر قىسىم پاختىچىلىق ۋە پاختا پىششىقلاپ ئىشلەش شىركەتلىرى زور ئىقتىسادىي زىيانغا دۇچ كەلگەن.
خەۋەردە يەنە يەرلىك پۇقرالارنىڭ «ئادرىيان زېنز ئېلان قىلغان دوكلات شىركەتلەرنىڭ ئىناۋىتىگە زىيان سالدى ۋە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتتى» دەپ قاراپ، ئاتالمىش «شىنجاڭ يەرلىك سوت مەھكىمىسى»گە ھەق تەلەپ دەۋاسى سۇنۇپ، ئادرىيان زېنزدىن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراش، ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە «تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ياكى ئورگانلار، زىيانغا ئۇچرىغان شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ دەۋا ئىلتىماسى سۇنۇشى رەت قىلىنمايدۇ» دەپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە شىركەتلەرنى تېخى كۆپ ئەرز سۇنۇشقا قۇتراتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئادرىيان زېنز ئەپەندى دوكلاتىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇغۇش ۋە كۆپىيىشىنى مەجبۇرىي چەكلىگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئۆلچىمىگە توشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئادرىيان زېنز ئەپەندى ئىلگىرى خەلقئارالىق تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركىزى» ۋە «قىسقا مۇددەتلىك كەسپىي تەربىيەلەش» مەركەزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي مەجبۇرىي ئىكەنلىكىنى، بۇ سىياسەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مەجبۇرىي ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 778 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2021 15:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق