ھىندىستان ئۈچ دۆلەتنى خىتاينىڭ ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنى ھىندىستاننىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشىغا مەبلەغ سېلىپ، خىتاينىڭ ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىرغان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە ئېكسپورت ۋە ئىئانە قىلىش ئارقىلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان 463 مىليون ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەرگەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ھىندىستاندىن ئىبارەت تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ۋاكسىنا كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان يۇمشاق كۈچىگە تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغان. مەزكۇر ئىككى ئەمەلدار يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھىندىستاننىڭ بۇ بۇ ساھەدە يېتەكچىلىككە ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توشىمىتسۇ موتېگى ئالدىنقى جۈمە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «تۆت دۆلەت 2-ئايدىكى يىغىندا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ۋاكسىنىنىڭ ئادىل تارقىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە ئەھمىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى، ئەمما ھېچقانداق قارار چىقارمىدى» دېگەن. ئۇندىن باشقا ھىندىستان ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ تەشكىلات دۇنيا مىقياسىدا ۋاكسىنا ئەملەش مەسىلىسى ھەققىدە بىر قانچە قېتىم يىغىن ئاچقان.
ھىندىستاندىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار يەنە بىر شەخسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2-ئايدىكى سىن يىغىنىدا، تۆت دۆلەت باشقا دۆلەتلەرنى دورا ۋە داۋالاش بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش، بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ خىتايغا تايىنىۋېلىش ئەھۋالىنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بولسا خىتاينىڭ ۋاكسىنا دىپلوماتىيەسى ھەققىدىكى قاراشلارنى ئىنكار قىلىپ: «خىتاينىڭ ۋاكسىنا مەسىلىسىدىكى مەقسىتى خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋاكسىنىنى خەلقئارالىق ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇش» دېگەن.

بۇ خەۋەر 911 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2021 15:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق