خىتاينىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇشى دىققەت قوزغىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى، ھىندىستان-خىتاي چېگراسىدىكى ۋەزىيەت جىددىيلەشكەن بىر پەيتتە خىتاينىڭ مۇداپىئە خامچوتىنى ئاشۇرۇشى دىققەت قوزغىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى ۋە قوراللىق قىسىم ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ چيەن خىتاي مۇداپىئە خامچوتىنىڭ %6.8 ئاشۇرۇلغانلىقىنى، ئاساسلىقى چېگرا تالاش-تارتىش، ئاراللاردىكى زېمىن مەسىلىسى ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تالاش-تارتىشلار، شۇنداقلا يەنە تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە: «تەيۋەن دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسى تەيۋەن مۇستەقىللىق مەيدانىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇردى. بۇ تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا چوڭ تەھدىت» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاينى تەيۋەنگە قاراتقان ھەربىي بېسىمىنى توختىتىشقا چاقىرغان. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا جاۋابەن: «تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى، چەتئەلنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ» دېگەن سۆزىنى تەكرارلىغان.
خىتاي باياناتچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي 2021-يىللىق مۇداپىئە خامچوتى بىر مىليارد 379 مىليون 544 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %6.8 ئاشقان. بۇ چىقىملار مۇھىم تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، قوراللارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش ۋە قورال-جابدۇقلارنى يېڭىلاش، ھەربىي مەشىقنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش، مەشىق شارائىتىنى ياخشىلاش، ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە پاراۋانلىقىنى ياخشىلاش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.
گېرمانىيەنىڭ خېسېندىكى تىنچلىق ۋە توقۇنۇش تەتقىقات ئورنى مۇتەخەسسىسى پاسكال ئاب(Pascal Abb)بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى شەرقىي ئاسىيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن زېمىن ماجىراسى بار» دېگەن.

بۇ خەۋەر 675 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2021 14:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق