خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىدە ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بايدېن ھۆكۈمىتى تەيۋەننى داۋاملىق قوللىغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئامېرىكىنى «ئوت بىلەن ئويناشتى» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بىر خىتاي پىرىنسىپى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە ئۆتكىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىق» دېگەن.
ۋاڭ يى يەنە: «خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ، دۇنيادا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئامېرىكا بۇنى بالدۇرراق ھېس قىلىشى كېرەك، بولمىسا دۇنيا يەنىلا تىنچ بولالمايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
ۋاڭ يى سۆزىدە يەنە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدېننى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە سەزگۈر مەسىلە ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتنىڭ «چەكتىن ھالقىغان ۋە ئوت بىلەن ئوينىشىدىغان» خەتەرلىك قىلمىشلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى تىرامپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋىتى تېزلىكتە ياخشىلانغان. بولۇپمۇ 2020-يىلى تىرامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى يىلى سۇنۇلغان «تەيۋەن قانۇنى» ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان ۋە تىرامپمۇ ئىمزا قويغان.
2020-يىلى 8-ئايدا، ئامېرىكا سەھىيە مىنىستىرى خازارد تەيۋەندە زىيارەتتە بولۇپ، 1979-يىلى ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى توختىتىلغاندىن بۇيان، تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئايلانغان. ئۇ يەنە تەيۋەننى زىيارەت قىلغان تۇنجى ئامېرىكا مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ قالغان.
ئاقساراي 2021-يىلى 3-مارت پىرېزىدېنت بايدېننىڭ تۇنجى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسى قوللانمىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيە، ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمراھى تەيۋەننى قوللايدىغانلىقى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئامېرىكا ئەقىل ئامبىرى پېۋ تەتقىقات مەركىزى (Pew Research Center) 4-مارت ئېلان قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىشىچە، %89 ئامېرىكىلىق خىتاينى ئامېرىكىنىڭ سودا شېرىكى ئەمەس، بەلكى رىقابەتچىسى ياكى دۈشمىنى دەپ قارايدىكەن. كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن سىرت، خىتايغا قاتتىق ئىقتىسادىي ۋە سودا سىياسىتىنى يۈرگۈزۈش، ئامېرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنى چەكلەش قاتارلىق خىتايغا قارىتىلغان سىياسەتلەردە تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشنى قوللايدىكەن.

بۇ خەۋەر 746 قېتىم كۆرۈلدى
09/03/2021 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق