لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ سانى خىتاي تەشۋىقاتىنىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارىلىماقتا

ئەرەبچە داڭلىق ئاخبارات ئورگىنى «ھازىرقى خەۋەرلەر» تورى 7-مارتتىكى خەۋىرىدە خىتاي رېجىمى تەرىپىدىن ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرغا قامالغان 200گە يېقىن ئۇيغۇر سودىگەرنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەخسۇس تىزىملىككە ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىزىملىك ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى تەرىپىدىن خاتىرىلەنگەن. تىزىملىكتە يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە خىتاي تەرىپىدىن جازالانغان ئۇيغۇر سودىگەرلەر خاتىرىلەنگەن. بۇلاردىن سىرت قولغا ئېلىنغان سودىگەرلەرنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىمۇ ئاشكارىلانغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، تەمىنلەنگەن تىزىملىكتە 200 گە يېقىن سودىگەرنىڭ ئىسىم -فامىلىسى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خوتەنلىك مىلياردېر كانچى ئۆمەر مۇھەممەد قۇربان (ئۆمەر مەتقۇربان)مۇ بار ئىكەن. گەرچە ئۇ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن نورمال مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىدىن قۇتۇلالمىغان. ئۇ ئون يىل كېسىلىپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىنى ساياھەت ئورنىغا ئۆزگەرتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ھەققىدىكى سەپسەتىلىرىگە قارشى: «خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش، قىرىپ يوقىتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇنداق بولمىسا خىتاي نېمە ئۈچۈن مىلياردېر سودىگەرلەرنى لاگېرغا ياكى تۈرمىگە سولايدۇ» دەپ سوئال قويۇشماقتا.

بۇ خەۋەر 1631 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2021 18:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق