خىتاي تەيۋەنگە يەنە تەھدىت سالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ تەيۋەنگە تەھدىت سېلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قەتئىي چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تۆتىنچى يىغىنى 5-مارت باشلانغان. لى كېچياڭ خىزمەت دوكلاتىدا تەيۋەن مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى قەتئىي چەكلەش كېرەكلىكىنى، بىر خىتاي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغان ئاساستا تەيۋەن بىلەن ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. تەيۋەن خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى بۇنىڭغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «زېمىن پۈتۈنلۈكى»نى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تەرەپ يېقىنقى مەزگىللەردە تەيۋەنگە بېسىمنى كۈچەيتكەن بولۇپ، كۆپ قېتىم ئايروپىلان ۋە ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ، تەيۋەنگە تەھدىت سالغان. ئىككى ھەپتە ئىلگىرى خىتاينىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىكى تەيۋەن كونتروللۇقىدىكى ئاراللارغا يېقىن جايدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. تەيۋەن كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى قوزغىلىپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇندىن باشقا ئىقتىسادىي جەھەتتە، خىتاي تاموژنىسى يېقىندا تەيۋەننىڭ ماللىرىدا زىيانداش جانلىقلارنىڭ بايقالغانلىقىنى باھانە قىلىپ، تەيۋەن ئاناناسلىرىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا ئىمپورت قىلىنىشىنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. تەيۋەن دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيەسى ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «تەيۋەنگە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش» دەپ ئاتىغان.
خىتاينىڭ تەيۋەنگە بېسىم قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىككى پارلامېنت ئەزاسى ئالدىنقى جۈمە بىرلەشمە قارار لايىھەسى سۇنۇپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنى تەيۋەن بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە «بىر خىتاي سىياسىتى»نى قوللاشقا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.
تەيۋەن ئۆكتىچى پارتىيە گومىنداڭنىڭ رەئىسى جياڭ چىچېن رويتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «خىتاي كومپارتىيەسى ئاتالمىش بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم نامى ئارقىلىق تەيۋەننىڭ ئالى ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما بۇ كومپارتىيەنىڭ خوڭكوڭنى باشقۇرۇشىغا ئوخشاپ قالىدۇ. بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ تەيۋەندە بازىرى كاسات. تەيۋەن خەلقى ئەركىنلىكنى خالايدۇ» دېگەن.

بۇ خەۋەر 689 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2021 18:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق