مۇتلەق كۆپ سانلىق كانادا خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارىنى قوللىغان

«يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، كانادانىڭ راي سىناش ئورگىنى نانوس تەتقىقات شىركىتى يېقىندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، %83 كانادا پۇقراسىنىڭ كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نانوس تەتقىقات شىركىتى سانلىق مەلۇمات ئالىمى نىك نانوس(Nik Nanos) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادالىقلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارايدىكەن. شۇنداقلا راي سىناش نەتىجىسى پۇقرالارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇلار كانادا ھۆكۈمىتى خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشى كېرەك، دەپ قارايدىكەن.
راي سىناشتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى سەۋەبلىك %70 كانادالىق كېلەر يىلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشقا دۆلەتكە يۆتكىلىشىنى قوللايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايغا قاراتماقچى بولغان ئىقتىسادىي جازانى قوللايدىكەن. %69 كانادالىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرگە قارىتا سىياسىي پاناھلىق ۋە مۇساپىرلىق ئىلتىماسىنى تېزدىن ماقۇللاشنى قوللايدىكەن.
نانوس شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ خۇاۋېيغا چېتىشلىق تور بىخەتەرلىكى تەھدىتى، ئىككى كانادا پۇقراسىنى تۇتۇپ قېلىش ۋەقەسى ۋە خىتاينىڭ كانادانىڭ بەزى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى توختىتىش قارارى كانادا خەلقىنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقىنى كۈچەيتكەن. كانادالىقلار خىتايغا قارشى پارتلاش نۇقتىسىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، ئۇلار پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىنى كۆرۈشنىلا خالايدىكەن.

بۇ خەۋەر 858 قېتىم كۆرۈلدى
08/03/2021 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق