ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىشكە ھەرىكەت قىلماقتا

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئامېرىكىدا پاناھلىنىش ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشنى تېزلىتىش ھەققىدە قانۇن تەكلىپى سۇنۇشنى پىلانلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، فلورىدادىن ئىككى ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى دېموكراتچىلاردىن (Ted Deutch) بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەردىن (Mario Diaz-Balart) مارىيو دېىيز بالارت كېلەر ھەپتە «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش» قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىش مەسىلىسى ئامېرىكا مۇساپىرلار سىستېمىسى ئىچىدە ئىككىنچى مۇھىم ئورۇنغا ئۆتىدىكەن. نۆۋەتتە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىنى قانچىلىك قوللايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن، ئەمما بۇ قانۇن لايىھەسىنى تۈزگۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرىدىغان پارلامېنتتىكى مۆتىدىل جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكىغا قوبۇل قىلىش ئىلتىماس تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئامېرىكىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىلتىماسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بىۋاسىتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە مۇساپىر سۈپىتىدە ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويۇلۇشى مۇقەررەر بولۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەش ئەھۋالى تۆۋەنلەيدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قىلغان زىيانكەشلىكى ھەققىدە تەنقىد قىلىنغان بولسىمۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوشنا دۆلەتلەردىن قايتۇرۇپ كەتكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە، تېد دوچ (Ted Deutch) ئىككى پارتىيەگە تەۋە 31 پارلامېنت ئەزاسىنى باشلاپ، ئەينى ۋاقىتتىكى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى پومپېيو ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكى مۇۋەققەت مىنىستىرى ۋولفېغا بىرلىكتە خەت يېزىپ، ھۆكۈمەتنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشنى تېزلىتىپ، مۇساپىرلارنىڭ پاناھلىنىش سالاھىيىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مۇساپىرلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1028 قېتىم كۆرۈلدى
06/03/2021 19:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق